گېرمانىيە: «خىتاي رايون زومىگەرلىكىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ ۋە خەلقارا پرىنسىپلارغا خىرىس قىلىۋاتىدۇ»
گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېپۇل (Johann Wadephul) ياپونىيە زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆز مەنپىئەتلىرىگە كۆرە چىگرا بەلگىلەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ رايون زومىگەرلىكىنى كۈنسىرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ھەم خەلقارا قانۇن، پرىنسىپلارغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى، بارغانسىرى تاجاۋۇزچى بىر دۆلەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەنى ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، زومىگەرلىككە يانتاياق بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، 18-ئاۋغۇست خىتاي تاشقىي ئىئاشلار مىنىستىرى ماۋ نىڭ گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ «قارشىلىققا قۇتراتتى، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى» دەپ ئەيىپلىگەن.
قارىغاندا، خىتاي بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋېتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ناچارلىشىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىنمۇ يامانلىشىدىغاندەك. بۇ بىر ئىجابىي قەدەم.
ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى
ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك