گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار گۇۋاتېمالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى ۋە دىگىتال ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» يىغىنى جەريانىدا گۇۋاتېمالانىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى María Luisa Ramírez، ياپونىيەنىڭ گۇۋاتېمالادىكى باش ئەلچىسى Kuwana Ryosuke ۋە تەيۋەننىڭ گۇۋاتېمالادىكى ئەلچىسى Vivia Chang قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رېيالنى ۋەزىيىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمىنى ھەمدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياۋىي ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە شەكىللەندۈرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تەھدىتلىرىنى دېپلوماتىك سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەربىر مىللەت ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
يىغىن ئەسناسىدا، رۇشەن خانىم ئۆزىنىڭ «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسىرىنى تەيۋەننىڭ گۇۋاتېمالادىكى ئەلچىسى Vivia Chang غا تەقدىم قىلدى.