گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىش ئەپەندى، جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىدىن كېيىنكى گوللاندىيە زىيارىتىدا گوللاندىيەدىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم، قەلبىنۇر سىدىق خانىم، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ھەم خانىمى، ئەھمەتجان قاسىم، ئالېرك ئابلىكىم قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشتى.
ئۇلار گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن Suzanne Kröger ۋە Stephan van Baarle بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.