يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-يانۋاردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شى جىنپىڭدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان جاڭ يوۋشيا (张又侠) بىلەن ليى جېنلى (刘振立) ھوقۇقىدىن ئايرىلغان.
«ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» دېگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرىلىۋاتقان جاڭ يوۋشيا خىتاي سىياسىي بۈروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ليى جېنلى بولسا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە قوماندانلىق باش شىتابىنىڭ باشلىقى ئىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ رەئىسلىكىدىكى «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى» خىتاينىڭ ئەڭ يۇقۇرى ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئورگىنى بولۇپ، جاڭ يوۋشيا بىلەن ليى جېنلىنىڭ يوقىتىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ ئورگاندىكى سابىق ھەربىي قوماندانلار تامامەن دېگۈدەك تازىلاپ تۈگىتىلگەن.
بىراق، بۇ قېتىم بۇ ئىككى خىتاي ئەمەلدارغا «چېرىكلىك» قالپىقى كەيدۈرۈلمىگەن. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا شى جىنپىڭ ھەربىي ساھەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك 8 ئەمەلدارنى يوقاتقاندا، ئۇلار «چېرىكلىك» بىلەن ئەيىپلەنگەن.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك 60 ئىقتىسادىي گەۋدىگە قايتىدىن تاموجنا بېجى قويماقچى ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپنىڭ چەت ئەل تاۋارلىرىغا قويغان تاموجنا بېجى جازاسىنىڭ مۇددىتى 7-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىك

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا

تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىدا بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ دۆلەتلەردە، بۇندىن 37 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، باياناتلار

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

«خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نورۋېگىيەدە چاقىرىلغان 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش: زامانىۋىي قۇللۇق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەن

دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار مۇنبىرىدا 

«دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» مۇنبىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن 2026-يىللىق «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە مۇنبىرىدە سۆز

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، CFU تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى ئىشلار يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى Franz Matzner، مەھلىيا چەتىنكايا ھەمدە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى

نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى بىگۇناھ تۇتقۇن گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ

تۆمۈر قائىدىلەر خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟

«تۆمۈر قائىدىلەر» خىتاي ئارمىيەسىنى قۇتقۇزالامدۇ؟ خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى 27-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن جۇڭنەنخەينىڭ «تۆمۈر قائىدىلەر» نى بېكىتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. فرانسىيە