يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ؟
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 100.000 (يۈزمىڭ) كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق، ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك ئۇيغۇر بولۇش ئىھتىماللىقى مەۋجۇد.
خىتاي ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىقى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ «ھالال ئورگان» سودىسىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ كەڭ تارقالغان. ئەمدىلىكتە، 100 مىڭ كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلە ئىچكىي ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلماقچى بولىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.
ئاخىرقى 10 يىلدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە، جازا لاگىرلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۆكۈلۈپ، مال ئورنىدا سېتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئېنىق دەلىللەر بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەينەت تىجارەتنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇيغۇرلاردا ئەلمىساقتىن ئىچكىي ئورگانلىرىنى ساتىدىغان ئادەت يوق. بۈگۈنكى كۈندە 100 مىڭ كىشى بۇ يولنى تاللىغان بولسا، بۇ يەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا ئورۇن قالمايدۇ.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
http://www.altxw.com/yw/202604/t20260409_33878508.html