ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو دىن خىتايغا سېتىلغانلار كۆپەيگەن
ياۋروپا ئىتتىپاقى خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ 27-مارت بىلدۈرىشىچە، فرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە ۋە ئىتالىيەدىن LinkedIn ئارقىلىق خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلاردا بولغانلارنىڭ سانى قانچە 10 كىشىگە يەتكەن. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە NATO دا مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن شەخسلەر بولۇپ، بېلگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى Annelies Verlinden نىڭ بىلدۈرىشىچە «كۆپ مىقداردىكى مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە ئاخباراتلار خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن».
«»كەۋىن جاڭ»(Kevin zhang) نامىدا «LinkedIn دا «شەرق مەسلىھەتچىلىكى» ئاتلىق بىر ساختا ھېساب قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئورنى خوڭكوڭدا ئىكەن. ئۇ خىتاي دۆلەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكىگە قارايدىكەن. Annelies Verlinden نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتىلگەن بۇ ئورگان بىلەن «نۇرغۇن ئەمەلدارلار، ئالىملار ۋە تەسىر كۈچى يۇقۇرى بولغان شەخسلەر ئالاقىلاردا بولغان»
خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئۇلاردىن تەلەب قىلغانلىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە NATO نىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى، تەيۋەن ئىستراتېگىيەسى، خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگو سىياسەتلىرى قاتارلىقلار بولغان. بۇنىڭ ھېسابىغا خىتايدىن كۆپ مىقداردا پۇل ئالغان.
ئىنسانلار مىللىي غۇرۇردىن ئۇزاقلاشقاندا، خائىنلىققا يېقىنلىشىدۇ. بۇ، ئۆزىنى غۇرۇرلۇق سانايدىغان ياۋروپالىقلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق.