ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركەتلىرى توغرۇلۇق تەۋسىيەدىن مەجبۇرىي بۇيرۇققا ئۆتمەكچى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق بولغان خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ (华为،中兴) شىركەتلىرىنىڭ تۈرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار كۈچەيگەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ياۋروپا كومىسسىيۇنى ئەزا دۆلەتلەرگە بۇ ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ھۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدىن چىقىرىۋېتىش تەۋسىيەلىرىدە بولغان. ئەمما خىتاينىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ، ھازىرغا قەدەر كەسكىن تەدبىر قوللىنالمىغان. ياۋروپادىكى خېلى كۆپ دۆلەتلەر ئۇنى ئىشلىتىشنى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
يانۋارنىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، خەتەر دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان 18 مۇھىم كەسىپ ساھەسىدە چەكلەش ئېلىپ بېرىش قەدىمىنى باسقان. بۇنىڭ ئىچىدە، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ قاتارلىق شىركەتلىرى بار بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تەۋسىيەسى «مەجبۇرىي بۇيرۇق»قا ئۆزگۈرۈدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ئىككى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قوللىنىشتىن مەجبۇرىي ۋاز كېچىدىكەن. ياۋروپادىكى ھازىرقى 5G تېلېفون سىستېمىسى شۇلارغا تايانغان.