11 تەشكىلات ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەب قىلدى
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، د ئۇ ق قاتارلىق 11 تەشكىلات 22-ئىيۇل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرىزدېنتى كوستا (Costa) ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلاغا خەت يېزىپ، 25-ئىيۇل بېجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى ھەققىدە توختىلىشنى، تۇتقۇنلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەب قىلدى.
ئۇلارنىڭ 4 تۈرلىك تەلەبلىرىنىڭ بىرى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تىزىملىككە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىدىن ئىلھام توھتى، گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت، راھىلە داۋۇت، خۇشتار ئىسا، يالقۇن ئىسا، تاشپولات تېيىپ، كامىلە ۋايىت قاتارلىقلار ئۆرنەك سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن.