ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قايتا تېرىلىشى
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلاردا ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، 2022-يىلى 24-فېۋرال باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى خەلقارالىق سىياسىي داۋالغۇشلار دەۋرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.
يېقىندىن بۇيانقى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سۈركۈلۈشلەرنىڭ ئەۋىج ئېلىشى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كوزۇرىغا قايتىدىن ئىھتىياجى تۇغۇلغان بولسا كېرەك. مەزكۇر يازمىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشى تەشەببۇس قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
