ياۋروپادا مۇسادىرە قىلىنغان خىتاينىڭ ئەخلەت تاۋارلىرى يېڭى رېكورت ياراتقان

ياۋروپادا مۇسادىرە قىلىنغان خىتاينىڭ ئەخلەت تاۋارلىرى يېڭى رېكورت ياراتقان
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئىدارىسى (EUIPO)نىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2025-يىلى 196 مىليوندىن ئارتۇق ساختا تاۋارنى مۇسادىرە قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 67% ئاشقان. بۇ مۇسادىرە قىلىنغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش قىممىتى 6 مىليارد 300 مىليون ياۋرو ئىكەن. بۇ سان پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن تاۋارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. بۇ ساختا تاۋارلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتايدىن كەلگەن. كۆپىنچىسى كېيىم-كىچەك، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، تاماكا قاتارلىقلار ….
مەلۇمكى، خىتاينىڭ بۇ ساختا تاۋارلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شەرقىي تۈركىستان ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تېخىچە نامەلۇم.