يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن Connecticut شىتاتىنىڭ New Haven شەھرىدىكى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) دا «خىتاينىڭ تېخنىلوگىيەلىك قىرغىنچىلىقى: ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش» تېمىسىدا دوكلات تەقدىم قىلدى.
دوكلاتتىن كېيىنكى پروفېسسور Scott Worden رىياسەتچىلىك قىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا، رۇشەن خانىم ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىن Piero Tozzi، كارنىگ خەلقارا تېنىچلىق فوندىدىن Steven Feldstein ۋە ئامېرىكانىڭ گېرمان مارشال فوندىدىن Lindsay Gorman لار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرىلەرگە قاتناشتى.