خىتاي زۇلۇمىنى تارتقانلار بىر ئارىغا كەلدى
نويابىرنىڭ 18-كۈنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لامانىڭ ھايات كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان <<ئەقىل-پاراسەت ۋە بەخت» ناملىق فىلىم ۋاشىن´گتوندا كۆرسىتىلدى. پائالىيەتكە تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، جەنۇبىي موڭگولىيەلىكلەر ۋە خوڭكوڭلار بولۇپ، خىتاي زۇلمىغا دۇچ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن مىللەتلەر قاتناشتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ پائالىيەتتە تىبەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەشھۇر كىنو ئارتىسى رىچارد گەرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.