نېپالدا شى جىنپىڭنىڭ كىتابىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى تەكشۈرۈلمەكتە
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 19-مارتتىكى خەۋەرلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، نېپالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى «موراڭ» رايونىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى شى جىنپىڭنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قاراشلىرى» ناملىق كىتابىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەمدە بۇ ۋەقە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغان. خىتاي دائىرىلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋەقەنى ئېنىقلاشنى تەلەب قىلغان.
خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە سەدىقىسىگە تايىنىپ قالغان نېپال ھۆكۈمىتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، تېخى نەتىجىسى چىقمىغان.
ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ كىتابىنى كۆيدۈرۈشتىكى مەقسىدىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق، نېپالدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىشلاردا بولغان.