مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دۇنيانى تىترەتكەن نىداسى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە
ئاپرىلنىڭ 1-كۈنىدىكى دۇنيا خەۋەرلىرى ئارىسىدا، گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۈرك نەسىللىك توپ چولپىنى مەسۇت ئۆزىلنىڭ گېرمانىيەنى تامامەن تەرك ئېتىپ، تۈركىيەدە ياشاشقا باشلىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مەخسۇس ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆردۇق.
يالغۇز گېرمانىيەنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر پۇتپول چولپىنى بولغان مەسۇت ئۆزىلنىڭ ھاياتىدىكى زور مۈشكۈلاتلار ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەسۇت ئۆزىلنىڭ 2019-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان خېتى دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىنسانلىقنىڭ، ۋىجداننىڭ، ئەخلاقنىڭ جاراڭلىق نىداسىغا ئايلانغان خىتابىنىڭ ھازىرمۇ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.
بۈگۈنكى ئۇچۇرلار، ئېسىمىزگە بۇندىن 7 يىل ئىلگىرىكى ئۆلمەس سادالارنى سالدى.