مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان
ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، خىتاي تەرەپتىن ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتلارنى، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان يانفونلارنى ۋە باشقا بويۇملارنى ئايرۇدۇرۇمدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغانلىقىغا دائىر خەۋەر كەڭ تارقالغان ئىدى. «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەمىلي گوئودىن (Emily Goodin) نىڭ يازمىسىنى نەقىل قىلغان بۇ خەۋەرنى CNN غا ئوخشايدىغان رەسمىي ئاخبارات قاناللىرىمۇ بەس-بەستە تارقاتقان ئىدى. خەۋەر بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا قانچە مىليونلىغان ئىنساننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، قانچە ئونمىڭلىغان كىشى بارماق بېسىپ قوللىغان، مىڭلىغان كىشى يازمىلار يېزىپ بەس-مۇنازىرە قىلىشقان قىززىق تېمىغا ئايلانغان.
بۇ خەۋەر، گويا ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتى نەتىجىسىز بولغاندەك، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زەررىچە بىرلىك ياكى ئىشەنچ يوقتەك، ئامېرىكا خىتاينىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇنى كەمسىتكەندەك تەسىرات بىرەتتى.
بىراق تەكشۈرگۈچىلەر، بۇنىڭ KI ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان ساختا خەۋەر ئىكەنلىكىنى، خەۋەرنىڭ مەنبەسى بولغان ئەمىلي گوئودىننىڭ بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇنى سەمىڭىزگە سېلىشىمىزدىكى سەۋەب: رەسمىي ئاخبارات قاناللىرىمۇ يالغان سۆزلەيدۇ ياكى ئالدىنىدۇ. راستلىقى ئىسپاتلانغانغا قەدەر، بىر خەۋەرگە، بىر سۆزگە، بىر ھادىسىگە ئالدىراپ باھا بەرمىگەن ياخشى.