ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟
ئاپرىلنىڭ 12-كۈنىدىكى ۋېنگىرىيەنىڭ سايلام نەتىجىسىدە، 16 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ۋىكتور ئورباننىڭ مەغلۇپ بولۇپ، پېتېر ماگيارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ماگيارنىڭ غەلىبىسى ۋە ئورباننىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ كۆپ تەرەپلەرنى ئالاقىدار قىلغانلىقى مەلۇم. ھەر ئىككىسى مىللىيەتچى ئېقىمغا تەۋە پارتىيەلەردىن بولسىمۇ، ۋېنگىرىيەلىكلەر ئاخىرقى يىللاردا ئورباندىن زېرىككەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئورباندىن بىزار بولغان. بۇ قېتىمقى سايلام مۇشۇنداق بىر ناچار كەيپىيات ھەم داۋالغۇش ئىچىدىكى ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا، پۈتۈن دۇيانىڭ دىققىتى ئاتىللانىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ دۆلىتىگە تىكىلگەن ئىدى.
«بۇ سايلامدا غەلىبە قازانغۇچى يالغۇز پېتېر ماگيار ۋە ۋېنگىرىيە خەلقىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر» دەيدىغان قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر بار. دۇنيادا خىتايپەرەست بىر ھاكىمىيەتنىڭ بولسىمۇ يىقىلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋېنگىرىيە ئۇيغۇرلار بىلەن قان بېغى بولغان ھۇنلارنىڭ دۆلىتىدۇر. بۇ خەۋەرگە دىققىتىمىزنى بېرىشىمىزدىكى سەۋەب دەل بۇ.
ئۇنداقتا، مەزكۇر سايلامدا ۋىكتور ئوربان بىلەن بىرگە مەغلۇپ بولغان تەرەپلەر قايسىلار؟
برىنچىسى، خىتاي.
ئوربان ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بەكرەك ئېغىرلىق بەرگەن شەخس. ۋېنگىرىيەگە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سەلدەك ئېقىپ كىرىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىگە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلىشىغا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ساقچى فورمىسى بىلەن ۋېنگىرىيە تۇپراقلىرىدا كېرىلىپ يۈرۈشلىرىگە، ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىشىغا يېشىل چىراق ياققان، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان بىر ئادەم ئىدى. خىتاينىڭ بۇ سايلامدا ئورباننىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرى نۆل بولدى.
ئىككىنچىسى، رۇسىيە.
ئوربان رۇسىيە تەرەپدارى بولۇپ، رۇسلارنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى ئىدىيەسى بولمىغان ياكى «مېنىڭ نىمە ئىشىم» دەيدىغان پوزىتسىيەگە ئىگە بىرى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ھەمدە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقارماقچى بولغان تالاي قېتىملىق قارارلىرىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن، «ۋېنگىرىيەگە ئەڭ چوڭ تەھدىت رۇسىيە ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىگە دەز ئۇرغان كىشى ئىدى. رۇسلارنىڭ ئورباننىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرىمۇ كارغا كەلمىدى.
ئۈچۈنچىسى، ئامېرىكا.
ئوربان ئۈچۈن ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىغا كىم باش بولۇشىدىن قەتىي نەزەر، ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىشنى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئىجىل ئۆتۈشتىن مۇھىم سانايدىغان، ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى لەشكىرى بولۇشنى خالايدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە قانداقتۇر مەنپىئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشقان، دونالد ترامپنىڭ پېشىگە چىڭ يېپىشقان بىرى ئىدى. ئەمما، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتىنىڭ ئالايىتەن ۋېنگىرىيەگە كېلىپ، ئۇنى يۆلەپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ئاقمىدى.
يۇقارقى ئاساسىي سەۋەبلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقىمۇ تۈرلىك سەۋەبتىن، ئوربان ئۆز خەلقىنىڭ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن. ئەمما 45 ياشلىق پېتېر ماگيار دەل ئەكسىچە قاراشتىكى بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ غەلىبىسىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى: «ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تاللىدى»، «ياۋروپا ئىتتىپاقى غەلىبە قىلدى»، «ياۋروپالىقلارنىڭ قىممەت قارىشى غەلىبە قىلدى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەبرىكلىدى.
بۇ سايلام غەلىبىسىنىڭ كېلىچەكتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ خەيىرلىك بولىشىنى تىلەيمىز!

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر رەسمىي رەۋىشتە چەكلىيەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟ ئەينى يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەم رۇسىيەگە چوقۇنغان, ھەم ئامېرىكىغا بېقىنغان، ئەمما ياۋروپا

رۇشەن خانىم : خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى

رۇشەن خانىم <Fox News>دا: خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ 8-ئىيۇل <<Fox News>>دا ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى چىقارغان مىللەتلەر

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار «ئارقا ئىشىك»تىن كىرىش ۋە «تېخنىكا ئوغۇرلاش» بىلەن سەلبىي ئوبراز ياراتقان قىزىل خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ

كالىفورنىيەدىكى ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

كالىفورنىيەدىكى IT شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى مەركىزى كالىفورنىيەدە بولغان «Digitalsystem Technology» ناملىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى خىتاي پۇخرالىرىغا تەۋە بولغانلىقى

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 138 دۆلەتتە

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ Temu, Shein, AliExpress ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻟﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 16 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 2025-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ