ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى
.
مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى
.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي قوغلاپ چىقارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ. ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بۇ خىل قوپال قىلمىش بېيجىڭنىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ ئاشكارە ئىپادىسىدۇر ھەمدە بۇ ھىچقانداق بىر دۆلەت تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق سىگنالىدۇر.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسنىڭ يولدىشى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىياغا تەشۋىقات زىيارىتى ئۈچۈن ھەم «شەرقتىن كەلگەن تەھدىت: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكىلەشتۈرىشى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق كتابىنىڭ مالاي تىلىدىكى نۇسخىسىنى نەشىر قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بىرقانچە يېڭى دوكلاتلىرىنى تارقىتىش مەقسىدىدە مالايسىياغا بارغان ئىدى. ئۇ مالايسىيا ئايرىدۇرۇمىغا چۈشىشى بىلەنلا خان جەمەتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئامېرىكا پاسپورتى مۇسادىرە قىلىندى. ھىچقانداق سەۋەبسىزلا يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك شارائىتى ناچار بولغان بىر جايغا 21 سائەت قاماپ قويۇلدى ھەمدە تۆت نەپەر ساقچى تەرىپىدىن ئايرۇپىلانغا چىقىرىلىپ، مەجبۇرىي قايتۇرىۋېتىلدى. ئىدرىس ئەپەندى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كۇئالالومپۇردىكى شېرىكىنىڭ ئۇنىڭ مالايسىياغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقىنىڭ بېيجىڭنىڭ بېسىمىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباس مۇنداق دېدى:
.
«بېيجىڭ بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەتنىڭ قولى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قولغا ئالدى ۋە قوغلاپ چىقاردى. بۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ھالقىغان خەتەرلىك بىر ئاقىۋەتنىڭ ئىپادىسى. ئابدۇلھاكىم مالايسىيادا دۇچ كەلگەن بۇ ۋەقە، خەلقارا جەمىيەت ئۈچۈن جىددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولىشى كېرەك. خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىسىغا قارىتا باستۇرۇشلىرىنى بارغانسىرى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يوشۇرغىدەك بىر نېمىسى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن ئابدۇلھاكىمغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەقنى سۆزلىشىدىن بۇ قەدەر قورقۇدۇ؟»
.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردىكى تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتىخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بىۋاستە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 2024-يىلى ھىندونېزىيەگە قىلغان تەشۋىقات سەپىرىدە، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ تەشۋىقات قوراللىرى ۋە يەرلىك كۈچلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدى، ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر خادىملىرى نەق مەيدانلاردا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى سوراققا تارتتى. 2025-يىلى ئۇ ھىندونېزىيە ئايرىدۇرۇمىدا 3 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چىگرىدىن كىرگۈزۈلدى.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ 24 نەپەر ئائىلە ئەزالىرى 2017 -يىلىدىن بۇيان غايىپ. ئۇ 2023-يىلى 8-ئايدا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالغاندا، ئاتىسى ئۆلۈپ، ئارىدىن 7 ئاي ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئاتىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاي ئىدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئۆلۈم تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان، يېڭى كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا كوللىكتىپ قارشىلىق پائالىيەتلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.
رۇشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ساختا ئەيىپلەشلەر بىلەن خىتاي تۇرمىسىدا يېتىۋاتىدۇ. ئۇ، رۇشەن ئابباس خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. ئۇنىڭ ئادالەتسىز تۇتقۇنغا ئۇچرىغىنىغا ھازىر 8 يىل بولۇپ قالدى، ئۇ ئېغىر كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن بارغانسىرى قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ۋەقەلەر خىتاينىڭ چىگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۆكتىچىلىرىگە قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى رۆشەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش مودىللىرىغا دائىر پاكىتلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقى ئاشكارە بولماقتا.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلمىلىرى ۋە ئىجتىمائىي خەلق توپلۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقارا جەمىيەتنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىنى رەسمىي ئىتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىپلەشكە چاقىرىدۇ. ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ھىچبىر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنىڭ، مۇخبىرنىڭ ياكى تەتقىقاتچىنىڭ بېيجىڭنىڭ كونتىروللىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل دەرىجىدىن تاشقىرى زوراۋانلىقلارغا سۈكۈت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. خەلقارا جەمىيەت ھېلىھەم يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارغا قارشى قانۇنلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك!