كورىيەدىكى (APEC) يىغىنى جەريانىدا خىتايغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە
دېموكراتىك كورىيەدە ئاخىرقى بىرقانچە يىلدا خىتايغا قارشى كەيپىيات شىددەت بىلەن كۈچەيگەن. خىتاينىڭ كورىيەنىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىپ، ئۆزىگە يېقىن كۈچلەرنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشى، ساياھەتچى نامىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى، دېڭىدىكى كېڭەيمىچىلىكى، خەلقارا نىزاملارنى ئاياق ئاستى قىلىشى ۋە شىمالىي كورىيە بىلەن بىرلىشىپ شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرى جەنۇبىي كورىيەلىكلەردە «بىزمۇ ئاخىرى خوڭكوڭغا ئوخشاپ قالىدىغان بولدۇق، خىتاي بىزنى يۇتىۋالماقچى» دېگەندەك ئەندىشىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتايغا قارشى نامايىشلار بارغانسىرى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىغان.
خىتايچەB B C قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە جەنۇبىي كورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا-پاسىفېك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) يىغىنىدا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى ھەمدە يىغىن جەريانىدا شى جىنپىڭغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.