كانادا <<خالىفاكىس خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى>>دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
كانادا <<Halifax خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى>>نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمغا CBC ئىكرانى ئالدىدا ئالاھىدە سۆز پۇرسىتى بېرىلگەنلىكى بىر يېڭىلىق.
يىغىن، دۇنيا بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشقا بېغىشلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى، كەسپىي مۇتىخەسسىسلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتلار قاتنىشىدىغان خەلقارالىق مۇھىم بىر يىغىن بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىكران ئالدىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەم خىتاي تەھدىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقا ئالاھىدە سۆز پۇرسىتى ئاجرىتىشى مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا دىققىتىنىڭ يىلسىرى ئارتىپ بارغانلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر.
يىغىندا، رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى Kevin Cramer، كانادا ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە باش تەپتىشى Sean Fraser، كولۇمبىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى Pedro Sánchez بىلەن بىرگە CBC رادىيوسىنىڭ رىياسەتچىسى Susan Bonner نىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋىپلىرى ھەققىدە توختالدى.