كالىفورنىيەدىكى IT شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى
مەركىزى كالىفورنىيەدە بولغان «Digitalsystem Technology» ناملىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى خىتاي پۇخرالىرىغا تەۋە بولغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتى (FCC) تەرىپىدىن بۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزگۈچى شىركەتلەر قاتارىدا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ شىركەت ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە، خىتاينىڭ 华为、浙江大华、海康威视、中兴通讯 قاتارلىق شىركەتلىرىنى «ھەمكارلاشقۇچىلار» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇنى كېيىن «خېرىدارلار» دەپ ئۆزگەرتىۋالغان. مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى.