قالتىس جازا: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى سۈرەتكە تارتقان خىتايغا 60 كۈنلۈك نازارەت، 25 دوللار جەرىمانە

قالتىس جازا: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى سۈرەتكە تارتقان خىتايغا 60 كۈنلۈك نازارەت، 25 دوللار جەرىمانە
ياۋروپا-ئامېرىكىدا 4-5 يىلدىن بۇيان جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان خىتايلار خېلىلا كۆپ بولدى. بۇ جاسۇسلارنىڭ بەزىلىرى شۇ دۆلەتتە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، بەزىلىرى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئەمما ساياھەتچى نامى بىلەن ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ تۇتۇلۇپ قالغان خىتايلارنىڭ خېلى بىرقىسمى «ئۇقۇشماسلىق» ياكى «ناماقۇللۇق» بىلەن جازالاردىن قۇتۇلۇپ كەلمەكتە.
خىتايغا ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىش –ئۆزىگە ئادالەتسىزلىك قىلىشتۇر.
فېڭ بىڭكۈن (Bingkun Fen) ئىسىملىك «ساياھەتچى» بىر خىتاي 19-فېۋرال ئامېرىكا ئاندېرسېن ھاۋا ئارمىيە بازىسى (HSC-25) نى سۈرەتكە تارتىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇشبۇ 25-تىك ئۇچار ئۇرۇش ئەترىتىنىڭ 50m يىراقلىقتىكى «كىرىشكە بولمايدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان سىزىقىدىن بۆسۈپ كىرىدۇ، «سۈرەتكە تارتىشقا بولمايدۇ» دېگەن يەرلەرنى سۈرەتكە تارتىدۇ. خىتايچە يول باشلاش ئەپ دېتالىنىڭ مەنزىلىگە HSC-25 دەپ يېزىلغانلىقى، مەخسۇس HSC-25 نى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئاشكارە بولىدۇ.
ئاخىرى 20-مارت سوتقا تارتىلغاندا، «خاتالىقلىرىنى» ئىتىراپ قىلىدۇ. سوت ئۇنىڭغا 60 كۈنلىك نازارەت ئاستىدا ئەركىن قويۇپ بېرىش ۋە 25 دوللار باھالاش ھەققى تۆلەش جازاسى بېرىدۇ. بۇندىن كېيىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرىشى چەكلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، شۇنداق ئويلاپ قېلىشلار بولىدۇ: ئەگەر ئامېرىكا سوتىنىڭ جازاسى بۇ بولسا، خىتايلار ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىدە ئىلتىماسقا ئۆچۈرەتتە تۇرۇشى مۈمكىن. چۈنكى، بۇنىڭدىن كېلىدىغان چوڭ پايدىنى ۋە بۇنداق ئەرزان جازانى باشقا يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺗﺒﯘ’ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ 11-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺕ»

خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە

«خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى»نىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە مەركىزى لوندۇندا بولغان <<Impact international>>نىڭ 11-ئاپرىلدىكى «خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بارغانسىرى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەجبۇرىي ئورگان يىغىۋېلىشقا قارشى يىغىندا ئاپرىلنىڭ 9-كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزالارنى يىغىۋېلىشغا ئائىت يېڭى دەلىللەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى. يىغىن

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ

يۈزمىڭ ئۇيغۇر ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئۆزلىكىدىن تەقدىم قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 100.000 (يۈزمىڭ) كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى

گۇۋاتېمالادا ئەھمىيەتلىك ئۇچرۇشىشلار بولۇپ ئۆتتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار گۇۋاتېمالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى گۇۋاتېمالادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار «خەلقارالىق ھەمكارلىق ۋە تەربىيىلەش رامكىسى (GCTF) مۇھاكىمە مۇنبىرى» نىڭ «تور بىخەتەرلىكى

رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا

رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 22-ئاپرىل ئوتتاۋادىكى