فرانسىيەلىك پۇتپولچى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك خىتايدىكى مەنپىئەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن

فرانسىيەلىك پۇتپولچى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك خىتايدىكى مەنپىئەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن
گېرمانىيەلىك داڭلىق تۈرك پۇتپولچى مەسۇت ئۆزىل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارە ئەيىپلىگەنلىكى سەۋەبىدىن كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا ھەمدە ئىقتىسادىي زىيانلارغا دۇچار بولغان. بۇ قېتىم Real madrid نىڭ دۇنياغا تونۇلغان چولپىنى Kylian Mbappé ۋەقەسى، ئۇنىڭ خىتايدا ئىمزالىغان 50 مىليون يۈۋەنلىك ئېلان توختامىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خىتايدىكى 97 مىليون مەستانىسىدىن ھەمدە ئىقتىسادىي پايدىسىدىن مەھرۇم قىلىشى مۈمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
بىراق، فرانسىيەلىك داڭلىق پۇتپولچى ئانتوينې گرىزمان (Antoine Griezmann)نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتايدىكى مەنپىئەتلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئانچە قىززىق خەۋەر بولغاندەك ئەمەس. Antoine Griezmann خىتاينىڭ Huawei شىركىتى بىلەن بۇرۇنلا ئېلان توختاملىرىنى تۈزگەن بولۇپ، 2020-يىلى Huawei نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزگەن توختاملىرىنى بىكار قىلغان.
فرانسىيەنىڭ «دۇنيا» گېزىتى 27-ئۆكتەبىردىكى ماقالىسىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن