غەلىتە: گوئوگلې تەرجىمان خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتىمۇ؟ ياكى ئۇنى خىتايغا ساتتىمۇ؟

غەلىتە: «Google تەرجىمان» خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتىمۇ؟ ياكى ئۇنى خىتايغا ساتتىمۇ؟
.
ئاخىرقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان، «Google تەرجىمان» تۈرلىك تىللاردىكى خىتايغا ئائىت سەلبىي ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان غەلىتە قىلىق چىقىرىۋالدى. ئۇزۇن بىر ماقالىنىڭ ئارىسىدىكى دەل خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى تەرجىمىدە يوقاپ كېتىدۇ. بۇ قانداق بولغىنى؟
ئىشلەتكۈچىلەردە «Google تەرجىمان» خىتايغا سېتىلدىمۇ ياكى خىتاينىڭ سۈنىي ئەقىل دېتاللىرى تەسىر كۆرسىتىۋاتامدۇ ۋەياكى يېڭى سۈنىي ئەقىل تەرجىمە دېتاللىرىغا ئېغىرلىق بېرىش سەۋەبلىك «Google تەرجىمان»نىڭ خىتاينىڭ رايىغا بېقىشىغا يول قويۇلدىمۇ؟ … دېگەندەك گۇمانلارنىڭ پەيدا بولىشى مۇقەررەر.
بەلكىم ئاخىرقى بىر يىلدىن بۇيان، Google ئىزدەش سىستېمىسىدىنمۇ خىتايغا ئائىت ياكى قارشى سەلبىي رەسىم-سۈرەتلەرنى تېپىشنىڭ قېيىنلىشىپ كەتكەنلىكىدەك بىنورماللىق بۇ سىستېمىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك. نېمىلەر بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ بۇ سىستېمىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن راستىنلا خەۋىرى يوقمىدۇ؟