شەرقىي تۈركىستاننى «رەھىمسىزلىك ۋە قۇۋلۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ داڭ چىقارغان» خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاقىۋېتى نامەلۇم
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 27-دېكابىردىكى شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 25-26-دېكابىر كۈنلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بۈروسىنىڭ «دېموكراتىك تۇرمۇش» يىغىنى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان. يىغىندا سىياسىي بۈرو ئەزالىرى «ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىش»قا بۇيرۇلغان. باھا ۋە خۇلاسىنى شى جىنپىڭ چىقارغان.
سىياسىي بۈرو ئەزالىرى يەنە: «يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر ئۈچۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىككىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى قەتىي قوغداش» تىن ئىبارەت ئىككىنى قوغداشقا بولغان پوزىتسىيەلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتۈشكەن….
يىغىنغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بۈروسىنىڭ ئەزاسى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى» ما شىڭرۈي قاتناشمىغان. خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش» ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى __ ۋاڭ لېچۈ’ئەن، جاڭ چۈنشيەن، چېن چۈ’ئەنگودىن تارتىپ ما شىڭرۈيگىچە بولغان ھەممىسى «شىنجاڭنى رەھىمسىزلىك ۋە قۇۋلۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ داڭ چىقارغان» خىتاي ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نامەلۇم ئىكەن.
خەۋەردە تەكىتلىشىچە، خىتايدا ھازىر شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيەگە يىتەرلىك دەرىجىدە ساداقەت بىلدۈرمىگەن، ھۆرمەت قىلمىغان شەخسلەرنىڭ ھەممىسى «خىيانەتچى، پارىخور» ئاتىلىپ جازالىنىدىغان بولۇپ، ما شىڭرۈيگە قانداق قالپاقنىڭ كەيدۈرىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن.