شەرقىي تۈركىستاننىڭ «نېفت شەھرى»دا ئاز ئۇچرايدىغان سۈلەيسۈن بايقالغان
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى «نېفت شەھرى» دەپ ئاتالغان قاراماي شەھرىنىڭ ئەتراپىدا 18-يانۋار كۈنى سۈلەيسۈن (Lynx) دەپ ئاتالغان بىرخىل ھايۋان تۈرىنىڭ (Lux, Vasak, siles) بايقالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ياۋروئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىغا تەئەللۇق سانالغان بۇ ھايۋان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى، جۇڭغار ئويمانلىقى قاتارلىق رايونلىرىنى ماكان قىلغان.
دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلار تۈرىگە مەنسۇپ بولغان سۈلەيسۈننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سانى مەلۇم ئەمەسكەن.
شەرقىي تۈركىستاندا 1949-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن خىتاينىڭ ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ھايۋان تۈرلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن سىستېمىلىق يوقىتىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، سۈلەيسۈننىڭ نەسلىنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.