شى جىنپىڭ 50 مىليون ئىنساننىڭ قاتىلىنى «قەھرىمان» دەپ قارايدۇ
.
خىتاي 2021-يىلى ئۆز قانۇنىغا «قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى» دەيدىغان بىر ماددىنى كىرگۈزگەن. بىراق ئامېرىكا پۇخراسى بولغان بىر خىتاي سەنەتكار 2024-يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنىپ، 2006-2008-يىللىرى ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن «قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىپلەنگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، 69 ياشلىق گاۋشىن 2024-يىلى ئاۋغۇستتا يۇرتىغا تۇقققان يوقلاش ئۈچۈن بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. گاۋشىننىڭ 3 ئەسىرى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان:
بۇنىڭ بىرى، «تەۋبە» ناملىق ھەيكەل. ماۋزېدوڭغا ئوخشايدىغان بىرىنىڭ تىزلىنىپ تۇرغان ھەيكىلى.
ئىككىنچىسى، «مەسىھگە ئۆلۈم جازاسى». بۇنىڭدا ماۋ زېدوڭغا ئوخشايدىغان 7 شەخسنىڭ مىلتىقىنىڭ ئۇچىنى مەسىھگە قارىتىپ تۇرغان ئوبراز.
ئۈچىنچىسى، «بېيبېي ماۋ» ناملىق كۈلكىلىك كارتون ئوبراز. بۇنىڭدىكى ھەجۋىي شەخسنىڭ چاچ شەكلى ماۋ زېدوڭنىڭكىگە ئوخشاش.
گاۋشىن 30-مارت خېبېي ئۆلكىسىدە سوتقا ئېلىپ چىقىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان. بۇ دىلو ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ, 50 مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان ماۋ زېدوڭنى «قەھرىمان» دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى بولۇپ قالغان.
ماۋ زېدوڭنىڭ قەشقەردىكى بۇ ھەيكىلى ھازىرمۇ مەۋجۇدمىدۇ؟