شى جىنپىڭ كۆۋرۈك سېلىۋاتامدۇ ياكى ئورا كولاۋاتامدۇ؟ 100 مىڭ ئامېرىكالىقنىڭ خىتايدا نېمە ئىشى بار؟
ئامېرىكىدا قىزىل گىلەم بىلەن قىزغىن كۈتىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باش قاتىلى شى جىنپىڭ، زىيارىتى ئەسناسىدا «5 يىلدا 100 مىڭ» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ مەنىسى؛ 5 يىل ئىچىدە 100 مىڭ ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچى خىتايغا بېرىپ ئوقۇش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ چىقىمىنىڭ بىرقىسمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىش.
گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، باشلانغۇچتىن ئۇنىۋېرسىتېتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى 100 مىڭ ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا بېرىپ ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى «بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسى يۇيۇلىدۇ» دېسە، بەزىلىرى «خىتاي تەشۋىقاتىغا قورال بولۇپ بېرىدۇ» دېگەن، يەنە بەزىلىرى «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۈچىيىپ كەتسە، گۆرۈگە ئېلىنىشى مۈمكىن» دېيىشكەن.
ئەمما كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا پارلامېنت ئەزاسى، كارخانىلار خوجايىنى، مائارىپ، مەدەنىيەت ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكى خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلىشى مۈمكىن بولغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي جاسۇسىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىنمىغان.
خىتاي بۇ 100 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچىدىن 100 نەپىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سادىق جاسۇسقا ئايلاندۇرىۋالسا، خىتاي ئۈچۈن بۇ يىتەرلىك غەلىبىدۇر.
مەلۇم بولىشىچە، 2024-2025-يىللىرى ئامېرىكىدا ئوقىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 250 مىڭ نەپەر بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىلىك خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ توزىقىدىن ئاگاھ بولىشى كېرەك.
