شى جىنپىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرغانلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەك
سىنتەبىرنىڭ 2-كۈنى Michael Sobolik ۋە Olivia Enos تەرىپىدىن <<Washingtonexaminer>>دا «ترامپ شى جىنپىڭغا ئامېرىكالىقلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىشى كېرەك>> ناملىق بىر يازما ئېلان قىلىنغان. يازمىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋېتىدە ئىنسان ھەقلىرى ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرى مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى تەكىتلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى بىگۇناھ تۇتقۇن دوختۇر گۈلشەن ئابباس ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر يازمىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكا پۇخراسى بولغان رۇشەن ئابباسقا ئوخشاش ئادالەت تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئېغىزىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتەك ئىنسانىيەتسىزلىكى ئەيىپلەنگەن ۋە شى بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرۇشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.washingtonexaminer.com/restoring-america/fairness-justice/4706779/trump-should-make-xi-pay-for-silencing-americans/?fbclid=IwY2xjawUOTkFwZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEelJN9ZHDfAj488k-gjrAhH538DUDp5w6uljhkur_MlVnNTvQwtuLW-RyMSAE_aem_J6xYy_FowIc-pu0SJkbsDA
