شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي تازىلىشى ساداقەتسىزلىكنى مەنبە قىلغان
شى جىنپىڭ ئىلگىرى كۆپلىگەن ھەربىي قوماندانلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىگە سادىق كىشىلەرنى ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلى ئەمىن تاپمىغان. 2023-يىلىدىن بۇيان يەنە 20 دىن ئارتۇق ھەربىي قوماندان ۋە ھەربىي سانائەت رەھبەرلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ تازىلاش ۋە تەكشۈرۈشلىرى ھەربىي ساھەدىكى قوماندانلارنىڭ ئىشەنچىسىزلىكى ۋە ساداقەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تازىلاش ۋە تەكشۈرۈش قانچە داۋاملاشقانسىرى ھەربىي ساھەدىكىلەر شى جىنپىڭدىن شۇنچە ئۇزاقلىشىشقا باشلىغان. قوماندانلاردا نارازىلىق ۋە تەۋرىنىش روھى ھالەتلىرى باش كۆتەرگەن.
يېقىندىن بۇيان ھەربىي ساھەدىكى بىرقىسىم خىتاي قوماندانلار ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. ھەربىي ساھەدىكىلەرنىڭ شى جىنپىڭغا گۇمان بىلەن قارىشى، ئۇنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى كېچىكتۈرىشى ياكى تەۋرىتىپ قويىشى مۈمكىن ئىكەن.