سېربىيەدە خىتايپەرەست ھاكىمىيەت مەغلۇپ بولدى

سېربىيەدە خىتايپەرەست ھاكىمىيەت مەغلۇپ بولدى
يەكشەنبە (25-ئۆكتەبىر) ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە، 14 يىلدىن بۇيان سېربىيەنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئالېكساندىر ۋۇچېچ (Aleksandar Vučić)، ئۆزىنىڭ «ئوقۇغۇچىلار لىستىسى» تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئىزچىل ھالدا ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇزۇندىن بۇيان بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئەھۋال بولغان. بۇ قېتىم «ئوقۇغۇچىلار لىستىسى» 2.2 مىليون ئاۋازغا ئېرىشكەن، پرىزدېنت ئالېكساندىر ۋۇچېچنىڭ تەرەققىيات پارتىيەسى بولسا 1،7 مىليون ئاۋازغا ئېرىشكەن. پارلامېنتتا «ئوقۇغۇچىلار لىستىسى» 135-140 ئورۇننى، تەرەققىيات پارتىيەسى 105 ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ھاكىمىيەتلەر ھەممە يەردە بىر بىرلەپ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنمەكتە.