ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
دېكابىرنىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېخنىلوگىيە، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس سۆھبەتكە قاتناشتى. سۆھبەتنى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئابباسى ئىسلام تەتقىقات پروگراممىسى، ھۇۋىر ئىنىنتىتۇتى ھەمدە ستانفورد ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقارا ئادالەت مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سۆھبەت <<تېخنىلوگىيە، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى>> دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلدى.
رۇشەن ئابباس خانىم سۆھبەتتە خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى، بى’ئومېتىرىك ئۇچۇر توپلاش، سۈنىي ئەقىل جاسۇسلۇقى، دۆلەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.