زامانىۋى دۇنيادىمۇ ھاماقەتلىكنىڭ چەك-چىگراسى بولمايدىكەن
بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئەقلىي تېلېفون، كومپىيۇتېر، كامىرا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ، ھەتتا توڭلاتقۇغا ئوخشاش ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە قەدەر جاسۇسلۇق يۇمتاللىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قوللىنىلىپ كېلىنگەن ئىدى. دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولغان قاتناش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىخەتەرلىك ئۈچۈن خىتاينىڭ hékwison شىركىتىنىڭ كامىراسىنى ئىشلىتەتتى. بۇ شىركەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا زور ھەسسە قاتقان بىر ئورگان ئىدى.
كورۇنا دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى سۆكۈپ ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا باشقا ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەشكە باشلىدى. قارىماققا ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەردىكى يۇمتاللاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئوغرىلايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. بۇ ئىشلارنى ئۇلار غەۋغاسىز-داۋراڭسىز ئەمەلگە ئاشۇردى.
ئەمما، بۇرنىغا سۇ كىرمىگەن غەرب شىركەتلىرى ھازىرمۇ مەۋجۇددەك قىلىدۇ.
گېرمانىيەنىڭ DB (گېرمانىيە تۆمۈر يولى) شىركىتى يېقىندا خىتاينىڭ BYD شىركىتىگە 200 دانە يولۇچى توشۇش ئاپتوبۇسى ئۈچۈن زاكاس بەرگەن. پۈتۈن گېرمانىيەنىڭ قاتناش ساھەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مونىپولى ئاستىدا تۇتىۋاتقان DB نىڭ ئەسلىدە 3300 يېڭى ئاپتوبۇسقا ئىھتىياجى بولۇپ، بۇنىڭ 95% ئىنى ميۇنخېندىكى „Mann“ شىركىتىدىن، 200 دانىسىنى خىتاينىڭ BYD دىن ئالماقچى بولغان.
دۇنيانىڭ ئاپتوموبىل دۆلىتى بولغان گېرمانىيەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىل پادىشاھى سانالغان VW نىڭ خەلقارادىكى بازىرىنى ئۆلتۈرىۋاتقان خىتاينىڭ BYD شىركىتىدىن ئاپتوبۇس زاكاس قىلىشى، دۆلەت ئاربابلىرى ئىچىدە تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان.
ئاساسلىق پىكىر:
BYD قارىماققا شەخسلەر ئىلكىدىكى شىركەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. خىتاينىڭ بۇ ئاپتوبۇسلارنى ۋاقتى كەلگەندە يىراقتىن كونتىرول قىلىپ، ئىشلىمەس قىلىپ قويۇش ئىھتىماللىقى مەۋجۇد. چۈنكى، ئاپتوبۇسنىڭ پروگراممىلىرىنى يېڭىلاش، بوشلۇق ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغان بىر جەريان. خىتاينىڭ ئاپتوبۇسلىرى خىتاي قاچىلىغان يۇمتاللار ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. گېرمانىيەنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى مۇتلەق ئىشەنىچ ئاستىغا ئېلىنىشى كېرەك. نورۋېگىيە بۇنىڭ ئۆرنىكى؛ نورۋېگىيە خىتايدىن ۋە گوللاندىيەدىن سېتىۋالغان ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، خىتايدىن سېتىۋالغان ئاپتوبۇسلارنىڭ يىراقتىن كونتىرول قىلىنىپ، ئىشتىن توختاش ئىھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلىدى. ياۋروپادا، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە شۇنچە كۆپ ئاپتوموبىل شىركىتى تۇرۇپ، نىمە ئۈچۈن خىتايدىن سېتىۋالىدۇ؟
گەپ تولا.
DB شىركىتى گەرچە جاۋابەن: „كىمدىن ئېلىش، كىمدىن ئالماسلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، پۇلنى بىز چىقىرىمىز، سەن ئىشىڭنى قىل“ دېمىگەن بولسىمۇ، „BYD ئىشلىگەن بۇ ئاپتوبۇسلارنىڭ كىچىك شەھەرلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئازادىلىكى ۋە تېلېفونغا توك قاچىلايدىغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىقى“نى تىلغا ئېلىپ، «بۇ خىتاي ئاپتوبۇسلىرىدىن „ھازىرچە بىرەر خەتەرنى ھېس قىلمىدۇق“ دېگەن.
ئۇيغۇرلاردا: „كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ“ دەيدىغان ماقال بار. يەنە „ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ، دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ“ دەيدىغان ماقالمۇ بار.
نەيسە!