«زاكاس بىلەن ئۆلتۈرۈش: خىتاينىڭ ئورگان يىغىۋېلىش كەسپى ۋە ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ ھەقىقىي يۈزى»
رۇشەن ئابباس، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئالىم سېيىتوف، ئىلشات ھەسەن، رىشات ئابباس، دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرى 21-ئاپرىل ئامېرىكادىكى فرانسىيە ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «زاكاس بىلەن ئۆلتۈرۈش: خىتاينىڭ ئورگان يىغىۋېلىش كەسپى ۋە ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ ھەقىقىي يۈزى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى Jan Jekielek نى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ ئەسەر «New York Times» ۋە «Publisher’s Weekly bestselling book» تەرىپىدىن ماكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.
پائالىيەتتە، رۇشەن خانىم خۇدسون ئىنىستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى Miles Yu، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى» بۆلۈمىنىڭ سابىق ياردەمچى كاتىپى Robert Destro، كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Dr. Eric Patterson، «چىگراسىز ئاياللار ھوقۇقى»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى Reggie Littlejohn قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيىتتى.