رۇشەن خانىم ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولماقتا
نويابىرنىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ب د ت نىڭ «14-نۆۋەتلىك سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشماقتا.
ئۇلار ب د ت دا مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچھىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن مەنپىئەتكە ئېرىشىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارماقتا.