رۇشەن خانىم «زاكاس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈش» ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 24-مارت ئۆتكۈزۈلگەن «زاكاس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈش» ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
جان جېكىلېك( Jan Jekielek)نىڭ «زاكاس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈش» ناملىق بۇ يېڭى كىتابى خىتاي دۆلىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا يولغا قويىۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى سۇغۇرىۋېلىشتەك ئىنسانىيەتسىز جىنايىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.
رۇشەن خانىم سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغىمۇ تەدبىقلاۋاتقانلىقى تىلغا ئالدى ھەمدە ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان تۇتقۇنلارنىڭ قاراڭغۇ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.