رۇشەن خانىم VOC خەلقارا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن خانىم كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى (VOC)نىڭ خەلقارا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.
كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى دۇنيا مىقياسىدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان بىر ئورگاندۇر.