رۇشەن خانىم <<Halifax خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى>>يىغىنىدا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم كانادادا چاقىرىلغان <<ھالىفاخ خەلقارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى>> يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى، بىخەتەرلىك مۇتىخەسسىسلىرى، تەپتىشلىرى ۋە دېپلوماتلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى.
رۇشەن خانىم ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن John Hoeven ۋە Chris Coons، تەيۋەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىسى Dr. Ming-Chi Chen ، شىۋېتسىيەنىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسى Signe Burgstaller ۋە كانادانىڭ باش تەپتىشى Peter Mackay قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ، خىتاينىڭ دۇنياغا شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرى ھەم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولدى.