رۇشەن خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا
رۇشەن ئابباس خانىم بېرلىن ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول نېفت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا قىممەتلىك كان مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ بايلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى زۇلۇم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ تۇپراقنى مەگگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت قەتلىئامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.