رۇشەن خانىم ئەركىنلىك ئالدىنقى سېپى خەلقارالىق يىغىنىدا
دېكابىرنىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكىدا ئەركىنلىك ئالدىنقى سېپى (RDI) خەلقارالىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى Peter Welch، ئېستونىيە پارلامېنت ئەزاسى Marko Mihkelson، گېنېرال McChrystal بىلەن بېيجىڭنىڭ دۇنيا تېنىچلىقىغا شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
ئەركىنلىك ئالدىنقى سېپى (RDI) بولسا دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىككە تەھدىد سالىۋاتقان دىكتاتورلارنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، ئامېرىكا ۋە باشقا ئەركىن دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنى ئۆز دېموكراتىيەسىنى قەدىرلەش ۋە قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇش غايىسىگە ساھىپ خەلقارالىق تەشكىلاتتۇر.