رۇشەن خانىم «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى»دا
بېرلىندا 11-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتلانتىك كۆۋرۈكى ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم باشقا ئەللەردىن كەلگەن مەشھۇر شەخسلەر بىلەن بىرگە «ئەركىنلىكنىڭ رولى، ئەركىنلىككە مەبلەغ سېلىش، مۇستەبىتلىكنى چەكلەش» دېگەن تېمىدىكى سۆھبەتكە قاتناشتى.
رۇشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ۋە بېيجىڭنىڭ دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسىگە قارىتا كۈچسىرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختۇلۇپ ئۆتتى.