رۇشەن خانىمن «New York Times»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم «New York Times»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ POPMART شىركىتىنىڭ «لابۇبۇ» قونچىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ياسالغانلىقىغا دائىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە «New York Times» گېزىتى ئىلگىرى POPMART نىڭ بۇ جىنايىتىنى بىرلىكتە ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى ھەمدە رۇشەن خانىم يېقىندا بۇ بۇ گېزىتتا «لابۇبۇ قورچاقلىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى رەزىل ھەقىقەت» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى بايان قىلىنغان بۇ زىيارەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىسىز، تۆۋەندىكى لېنكىدىن پايدىلىنىڭ:
https://www.washingtontimes.com/news/2026/may/18/politically-unstable-labubu-dolls-uyghur-genocide/?fbclid=IwY2xjawR4JJZleHRuA2FlbQIxMQBzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEexyGR4a0A1mTCaz58YsEORvejhFiKGIEXUp4HTkEzOykc2VmT7_wSWba1jJw_aem_VH3WA59zmfO9IhwreE7WlQ