رۇشەن خانىمنىڭ كوستارىكادىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

رۇشەن خانىمنىڭ كوستارىكادىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ كوستارىكا پايتەختى سان جوسە (San Jose) شەھرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشقا دائىر پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا.
<<ھەدەمنى ئىزدەپ>> ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەش، پۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ دۇنيا تېنىچلىقىغا شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرىنى ئاڭلاتماقتا.