رۇشەن خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» كانادادا
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 22-ئاپرىل ئوتتاۋادىكى لورد ئەلگىن مېھمانخانىسى ((Lord Elgin Hotel)دا ئۆتكۈزىلىدۇ.
بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىن مەمەت توختى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى Leo Housakos، پارلامېنت ئەزاسى Alexis Brunelle-Duceppe ۋە پارلامېنت ئۇيغۇر دوستلۇق گورۇپپىسىنىڭ ئەزاسى،Optimum Publishing International نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى Dean Baxendale قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلىدۇ.
رۇشەن خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابىدا، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىسىغا ئايلانغۇچە بولغان جەرياندىكى كۆرەش ھاياتى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلغان زىيانكەشلىكلىرى ۋە ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 7 يېرىم يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە تارتىۋاتقان ئەزىيەتلىرى بايان قىلىنغان.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق تىزىملىتالايسىز: