رۇشەن ئابباس ب د ت دا: بۇ- خىتاينىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىش ئۇرۇشىدۇر
ب د ت دا چاقىرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنىغا د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۇشەن ئابباس قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ب د ت دا قىلغان سۆزىدە شۇلارنى تىلغا ئالدى:
ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدە بىزگە «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن تامغا بېسىلدى. بىزنىڭ ئىتىقادىمىز، تىلىمىز ۋە مىللىي ئەنەنىلىرىمىز تەھدىت دەپ قارالدى. ئىبادەت قىلىش ۋە روزا تۇتۇشلىرىمىز چەكلەندى. ئانا تىلىمىز مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلدى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز چەكلەندى. ماھىيەتتە بۇلار خىتاينىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدۇر. خىتاي ئىسلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا.
رۇشەن ئابباس خانىم ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلى ئالاھىدە دوكلاتچىسى نىكولاس لەۋرات ئەپەندىگە ئۆزىنىڭ «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسىرىنى تەقدىم قىلدى.



