دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتى رۇشەن ئابباس خانىمغا بېرىلدى

مىللىتىمىزگە خەيىرلىك بولسۇن!
دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتى رۇشەن ئابباس خانىمغا بېرىلدى
دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتىنىڭ 2025-يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتى يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقىغا، مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلىك پاجىئەلەرگە قارشى جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمغا بېرىلدى.
يېرىنى تاپقان، لايىقىغا ئېرىشكەن بۇ مۇكاپات خەلقىمىز ئۈچۈن بىر شەرەپتۇر. ھەقىقەتەنمۇ رۇشەن ئابباس خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ساھەسىدە زور پىداكارلىق كۆرسىتىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىققا ئايلانغان، مەزلۇم خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ئاۋازى بولۇپ، مىللىتىنى پەخرلەندۈرگەن بىر شەخس ئىدى. خەلقىمىز ئۈچۈن خەيىرلىك بولسۇن!
.
ھۆرمەتلىك تاھىر ئىمىن «ئۇيغۇر پوچتىسى»دا بۇ ھەقتە تەييارلىغان خەۋىرىدە تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن بەرگەن:
.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەتلىك دىموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2025-يىللىق دىموكراتىيە مۇكاپىتىغا ئېرىشتى
.
ئامېرىكا دۆلەتلىك دىموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرىدىغان يىللىق «دىموكراتىيە مۇكاپىتى» دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ.
بۇ يىل مۇكاپات ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى رۇشەن ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن تەقدىرلەنگەن.
دۆلەتلىك دىموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئورگان ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«2025-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى » خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرى ئۈچۈن قىلغان تىنماي قاناق يايدۇرۇلغان ھوقۇق قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا بېرىلدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى (سېناتور) مېل مارتىنېز تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان بۇ مۇكاپات «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دېرېكتورى رۇشەن ئابباسنىڭ جاسارەتلىك رەھبەرلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى ۋە باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئاۋاز بولدى.ئۇيغۇر ھوقۇقلىرى ئۈچۈن دۇنياۋى كۈچ بولغان رۇشەن ئابباس ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: زۇلۇمنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدىمۇ جاسارەت ۋە ۋىجدان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.»
رۇشەن ئابباس مۇنداق دېگەن:
«ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلار- ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، ئۇ زور ساندا تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، زورلاپ تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە بالا چۈشۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، ۋە بىر ئېتىقادنى پۈتۈنلەي جىنايەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. … بۇ ئەمدى پەقەت بىر ئۇيغۇر مەسىلىسىلا ئەمەس؛ بۇ خىتاينىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئۇرۇشى، ئاياللار ۋە بالىلارغا قارشى ئۇرۇشى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇشىدۇر.»
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى دابدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار رەھبەرلەر، تاراتقۇچىلار، رۇشەن ئابباسنىڭ تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى قاتناشقان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىنتېرنېتتا رۇشەن ئابباس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئورتاق تەبرىكلەمەكتە.
تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر رەسمىي رەۋىشتە چەكلىيەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟ ئەينى يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەم رۇسىيەگە چوقۇنغان, ھەم ئامېرىكىغا بېقىنغان، ئەمما ياۋروپا

رۇشەن خانىم : خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى

رۇشەن خانىم <Fox News>دا: خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ 8-ئىيۇل <<Fox News>>دا ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى چىقارغان مىللەتلەر

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار «ئارقا ئىشىك»تىن كىرىش ۋە «تېخنىكا ئوغۇرلاش» بىلەن سەلبىي ئوبراز ياراتقان قىزىل خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ

كالىفورنىيەدىكى ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

كالىفورنىيەدىكى IT شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى مەركىزى كالىفورنىيەدە بولغان «Digitalsystem Technology» ناملىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى خىتاي پۇخرالىرىغا تەۋە بولغانلىقى

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 138 دۆلەتتە

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ Temu, Shein, AliExpress ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻟﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 16 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 2025-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ