دېكتاتورنى «دېكتاتور» دېمەي نېمە دەيدۇ؟
شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي رەھبەرلىرى ھەققىدە سەلبىي سۆز قىلىشنىڭ جىنايەت سانىلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىراق چەت ئەللىكلەر خىتاينىڭ بۇنداق رېجىملىرىنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدۇ. بولۇپمۇ داڭلىق پۇتپول چولپانلىرىنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ پرىنسىپلىرىنىڭ ھىچ قىممىتى يوق.
.
ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق پۇتپول كوماندىلىرىدىن Real madrid نىڭ دۇنياغا تونۇلغان چولپىنى Kylian Mbappé ئۆكتەبىرنىڭ 26-كۈنى Barcelona بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەت ئەسناسىدا ئۆزىگە ئائىت چاخچاقلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي دېكتاتورى ماۋ زېدوڭغا ئوخشىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ: «ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ بىر خىتاي ئېدى، دېكتاتور ئېدى» دېگەن.
بۇ گەپ تارقالغاندىن كېيىن، بۇنى كۆرگەن خىتايلارنىڭ جېنى چىققان. خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، Kylian Mbappé قاتناشقان مۇسابىقىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بارلىق ئېلانلارنى دەرھال چەكلىگەن. خىتاي ئورگانلىرى Real madrid تىن، Kylian Mbappé دىن ۋە ئىسپانىيە پۇتپول جەمىيىتىدىن رەسمىي رەۋىشتە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان.
50 مىليون ئىنساننىڭ قاتىلى بولغان ماۋ زېدوڭنى دېكتاتور دېمەي نېمە دەيدۇ؟
داڭلىق پۇتپول چولپانلىرىدىن مەسۇت ئۆزىلنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاپ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر تېخى ئۇنۇتۇلمىدى.
