دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى Tedros Adhanom Ghebreyesus (2019-يىلىدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئاقلىغۇچىسى)نىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2027-يىلى 5-ئايدا توشىدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ ئورۇنغا سۇڭ لى ئىسىملىك بىر خىتاي ئايالنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان، بېلگىيە، قاتار، بوتسۋانا، ھىندونېزىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن نامزاتلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ب د ت دىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت يەنىلا خىتاي. ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققاندىن بۇيان، خىتاي بۇ بوشلۇقنى ئىگىلەپ ئالغان. زور ئىھتىمالدا، خىتاينىڭ ھەرقانداق ئارقا ئىشىك ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ بولسىمۇ، بۇ ئورگاننى قولغا چۈشۈرۈشى مۈمكىن. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ۋە خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتىۋاتقان مۇسۇلمان دۇنياسى خىتاينى قوللىشى تۇرغان گەپ. بىراق غەرب دۆلەتلىرى قانداق قارايدۇ؟
