دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن!
ئارفىيا ئېرىنىڭ «داۋۇس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» تەرىپىدىن «دۇنياۋىي ياش رەھبەر» بولۇپ تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.
ئارفىيا ئېرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ياش دۇنيا رەھبەرلىرى مۇنبىرى (YGL) شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى (WEF) تەرىپىدىن ھەر يىلى تەسىس قىلىنىدىغان خەلقئارالىق رەھبەرلىك جەمئىيىتى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 40 ياشتىن تۆۋەن مۇنەۋۋەر رەھبەرلەرنى تاللاش ۋە ئېلان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. رەھبەرلەر سودا، سىياسەت، سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي كارخانىچىلىق قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك ساھەلەردىن تاللىنىدۇكەن.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى ئۆز بايانلىرىدىن كۆرۈڭ:
https://www.facebook.com/photo/?fbid=944116768325788&set=a.184465347624271