دۇنيادىكى ھەممە ئاپەتلەرنى تىلغا ئالغان ب د ت كاتىپى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپەتنى تىلغا ئالمىدى
خىتاينىڭ تيەنجىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» يىغىنىغا قاتناشقان ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتóنىئو گۇتەررەس غەززەدىكى ئۇرۇشنى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، سۇدان، بىرما، سۈرىيە ۋە ئاۋغانىستاننىڭ تېنىچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق دۇنيا مىقياسىدىكى بىر تالاي ئاپەتلەرنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە زۇۋان سۈرمىدى.
ئانتóنىئو گۇتەررەس خىتاينىڭ تېنىچلىق ساھەسىدە دۇنيادىكى باشلامچىلىق رولىنى مەدھىيىلىگەندە، ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2022-يىلى 8-ئاينىنىگ 31-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى «خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئۇنتۇپ قالدى.