«خەلقارا ئېتىقاد كونفرانسى»نىڭ رۇشەن ئابباس ھەققىدىكى بايانلىرى:
.
بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ خەلقارا ئېتىقاد كونفرانسى (Interfaith Conference))نىڭ «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسېلىشى» ناملىق يىغىنىنىڭ ئاساسلىق سۆزلىگۈچى ئەزىز مېھمىنى بولغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن جاكارلايمىز.
رۇشەن ئابباس خانىم دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ساھەسىنىڭ يېتەكچى شەخسلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر پائالىيەتچىسى. ئۇ ھاياتىنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك كۆرىشىگە بېغىشلاشتىن خېلى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان ۋە دېموكراتىك نامايىشلارغا قاتناشقان، 1989-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ كۆرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئۇ 2017-يىلى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىق جىنايىتىگە قارشى خەلقارا جەمىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەزكۇر تەشكىلات «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەمدە «بېرلىن خىتابنامىسى» قاتارلىق خەلقارالىق چاقىرىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكلىرىنى پاش قىلىش يولىدا ماس قەدەمدىكى دۇنياۋىي ھەرىكەتلەرنى روياپقا چىقارغان. ئۇنىڭ تەشكىلاتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى تېرىشچانلىقلىرى سەۋەبلىك، ئىككى قېتىم نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن.
رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ جاسارىتى ۋە رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيىتى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنى 2025-يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىدى. خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرى نەتىجىسىدە، رۇشەن ئابباس خانىم دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
رۇشەن ئابباس خانىم داۋاملىق ئامېرىكا پارلامېنتىغا دوكلات تەقدىم قىلىدۇ، پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىدۇ ھەمدە دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىدە، دىنىي رەھبەرلەرگە، ئىلىم ساھەسىگە ۋە پۇخرالار جەمىيىتىگە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئاكسېل شىپرىڭېر ئەركىنلىك فوندى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى. ئۇنىڭ «تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق ئەسىرى مەشھۇر.
جەسۇر بىر پائالىيەتچى بولۇس سۈپىتى بىلەن، ئۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە چۇڭقۇر ھېسداشلىق ئىچىدە كىملىكى ۋە دىنىي ئىتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنى قوغداش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىپ كەلمەكتە.
(ئەنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى. خاتالىق بولىشى مۈمكىن). تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.facebook.com/profile.php?id=61581221026717